ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز، روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، ئۇ ئايال: قان ئىنتايىن كۆپ كېلىدۇ، پاختا كار قىلمايدۇ، دېدى
ھەمنە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەتىۋا سوراي دەپ باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەمشىرەم زەينەپ بىنتى جەھىشنىڭ ئۆيىدىن تاپتىم، مەن: ئى ئال…

