HadeethEnc · 1.4.0
قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم، زېمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى، ئەھمەد دەپ ئاتالدىم، زېمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى، ئۈممىتىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىندى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ماڭا ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن خىسلەتلەر بېرىلدى، دېدى، بىز: ئۇلار قايسى؟ دېدۇق، رەسۇلۇللاھ: قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم، زىمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى، ئەھمەد دەپ ئاتالدىم، زىمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى، ئۈممىتىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىندى
02
Explanation
رەسۇلۇللاھنىڭ «ماڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن خىسلەتلەر بېرىلدى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇ ئىشلارنىڭ ھىچبىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەردە يۈز بەرمىگەن. «قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم» دېگىنى، دۈشمەن مەندىن قورقۇپ، دېگەن مەنىدە. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالغان، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان، توپىنى پارچىلىۋەتكەن. «زىمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى» ئاچقۇچ بولسا ئېتىك نەرسىلەرنى ئاچىدىغان بىر سايمان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئۇلۇشۇش تەس بولغان، توسالغۇلارنى تىپىپ چىقىشقا ۋاستە بولىدىغان نەرسىدۇر. «زېمىن» ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا دەۋلەت ۋە شەھەرلەرنى پەتھى قىلىپ بېرىش ۋەدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۆچمە سۆز. «مەن ئەھمەد دەپ ئاتالدىم» ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نام شەرىپىنى ساقلىغانلىقتىن، ساماۋى كىتابلاردا سۈپەتلەنگەن شۇ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇماندار كىشىلەرگە، شەكلەنگۈچىلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھېچبىر كىشى ئۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمىغان. «زىمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى» دېگىنى، سۇ تېپىلمىغاندا سۇ ئورنىدا ئىشلىتىپ تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس قىلىندى، دېگەن مەنىدە
Attribution
[ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

