HadeethEnc · 1.4.0
سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەممار ئىبنى ياسىر بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەندە مەن جۇنۇب بولۇپ قالدىم، ئۇ جايدا سۇ تاپالماي، ئۇلاغ توپىدا دۇمىلىغاندەك دۇمىلاندىم، ئاندىن ناماز ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە بۇنى سۆزلەپ بەرسەم رەسۇلۇللاھ: «سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى.
02
Explanation
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بېر قېتىم سەپەر جەريانىدا ئەممار بىن ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەزى ئېھيتىياجلار ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى كېچىدە جۇنابەت بولۇپ قالدى، يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تاپالماي قالدى. جۇنابەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيتتى، پەقەت كېچىك تاھارەت ئېلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلەتتى. ئۇ كىشى ئۆز تېرىشچانلىقى بىلەن ئويلاپ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ بەزىسىگە توپا سۈركىدى، پۈتۈن بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇشقا ئاساسەن بەدىنىنى توپىغا مېلىش دەپ سۇغا قىياس قىلىپ توپىدە ئېشەك ئىغىنىغاندەك ئىغىنىدى، شۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ئادا قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كېچىك تاھارەتتىن ۋە جۇنابەتكە ئوخشاش چوڭ تاھارەتتىن قانداق پاكىزلىنىشنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىككى قولىنى توپىغا بىر قېتىم ئۇرۇپ ئاندىن سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنى، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاشتۇر.
03
Benefits
تەيەممۇم قىلىشتىن ئىلگىرى سۇ ئىزدەپ بېقىش زۈرۈر بولىدۇ.
جۇنابەت بولۇپ سۇ تاپالمىغان كىشى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش يولغا قويۇلغان.
چوڭ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش كېچىك تاھارەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشقا ئوخشايدۇ.
جۇنابەت بولۇپ سۇ تاپالمىغان كىشى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش يولغا قويۇلغان.
چوڭ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش كېچىك تاھارەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشقا ئوخشايدۇ.
Attribution
[بىرلىككە كەلگەن]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

