ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ئۇلاققا مىنگەشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:«ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ» مۇئاز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ سۆزنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىپ خۇش بىشارەت بىرەيمۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ ھازىر خەۋەر بەرمىگىن »دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بەرگەن.
Explanation
ئۈچ قېتىملىق چاقىرىقنىڭ ھەممىسىگە، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن، سىلىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن دەپ جاۋاپ بەردى،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چىن دىلىدىن سەمىيمىلىك بىلەن گۇۋاھلىق بىرىپ شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزمەيدۇ دېدى.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى خۇرسەن قىلىش ۋە ئۇلارغا بۇ ياخشىلىقتىن خوش بىشارەت بىرىشنى سورىغاندا،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزگە تايىنىۋېلىپ، ئەمەلنى ئاز قىلىشىدىن ئەنسىرەپ خەۋەر بەرگىلى رۇخسەت قىلمىدى.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ھەدىسنى سۆزلىمىدى، ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ جىنايىتىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى خەۋەر بەردى.
Benefits
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىم بېرىش ئۇسۇلى، دەيدىغان سۆزگە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقنى تەكرار قىلغانلىقى.
ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ شەرتلىرىدىن، بۇ سۆزنى دېگۈچى شەك قىلماستىن، يالغان سۆزلىمەستىن ئىشەنچ قىلىپ سەمىيمىلىك بىلەن چىن دىلىدىن دېيىشى كېرەك.
تەۋھىد ئەھلى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالمايدۇ، بەزى بىر گۇناھلىرى سەۋەبىدىن جەھەننەمگە كىرسىمۇ پاك بولغاندىن كېيىن چېقىدۇ.
چىن دىلىدىن دېگەن كىشى ئۈچۈن ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى.
بەزى ئەھۋاللاردا كىلىپ چېقىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى ھەدىسلەرنى سۆزلىمەسلىك توغرا بولىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

