پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بارماقلىرىمىزنى ۋە تاماق قاچىمىزنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى ۋە: «بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر»دەيتتى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بارماقلىرىمىزنى ۋە تاماق قاچىمىزنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى ۋە: «بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر» دەيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە:«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېگەن تامىقىدىن بىر لوقما چۈشۈپ كەتسە، تازىلىۋېتىپ يېسۇن، شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن، بارماقلىرىنى يالىۋەتمىگۈچە قولىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم بەرىكەتنىڭ قايسى تامىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەيلى نېمە ئىش قىلمىسۇن شەيتان ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ، ھەتتا تاماققىمۇ بىللە كېلىدۇ، ئەگەر يىمەكلىك يەرگە چۈشۈپ كەتسە، تېرىپ پاكىزلىغاندىن كېيىن يېۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن»دېيىلگەن
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

