ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى تىلغا ئېلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلدى، ئۇ قىيامەت بولىشىدىن ئەنسىرەپ، چۆچىگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسچىتكە كىلىپ، نامازغا تۇردى، قىيام ۋە سەجدىلەرنى ئۇزۇن ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭ ھېچبىر نامازدا بۇنداق…

