مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلار بىلەن كىلىدۇ يۇ، ئەمما بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئادەمنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىپ (ئۆزىگە بىر نەرسە قالمايدىغان) كىشىدۇر
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن (مەرفۇ ھالدا) رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ۋەيران بولغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: بىزدە ۋەيران بولغان كىشى دېگەن، بىرەر تالمۇ دەرھىمى (پۇل بىرلىكى نامى) ياكى مال- ماتاسى يوق ئادەمدۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلار بىلەن كېلىدۇ- يۇ، ئەمما بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئادەمنىڭ ساۋاپلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىدىكى جىنايەتنى تۆلەپ بولغىچە ساۋاپلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىپ بۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

