HadeethEnc · 1.4.0
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياخشى چۈش ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، ئاللاھغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتسۇن ۋە بۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسۇن
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياخشى چۈش ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، ئاللاھغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتسۇن ۋە بۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسۇن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ياقتۇرمايدىغان چۈشنى كۆرسە ئۇ چۈش شەيتاننىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن ۋە ئۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرمىسە، ئۇ كىشىگە ھېچ زىيان يەتمەيدۇ
02
Explanation
مۇسۇلمان چۈشىدە خۇرسەن بولىدىغان چۈشنى كۆرسە، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىشارەت بولۇپ، بۇ بېشارەتكە ئاساسەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلىسۇن ۋە ماختىسۇن. بۇ چۈشنى ئائىلىسى، خوشنىلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلارغا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ياقتۇرمايدىغان، قورقۇنۇچلۇق، ناچار چۈشنى كۆرگەن بولسا ياكى ئۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ياقتۇرمىسا بۇ شەيتانى خىيال بولۇپ، بۇنى شەيتان ئۇخلىغان كىشىنى قورقۇتۇش، بىئارام قىلىش ئۈچۈن شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق چۈشنى كۆرگەن ۋاقىتتا، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

