سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن تۇتۇلۇپ، زېمىندا ئۇنىڭغا ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، بېشى ئۈستىگە قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ (ئازابلار) دىنىدىن ياندۇرالمىغان كىشىلەر بولغان ئىدى
ئەبۇ ئابدۇللاھ خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا شىكايەت قىلغىلى كەلسەك، ئۇ كەبىنىڭ سايىسىدا ئۆزىنىڭ چاپىنىنى ياستۇق قىلىپ يېتىپتىكەن، بىز: «دۇئا قىلىپ بىزگە نۇسرەت تەلەپ قىلغان بولسىلا» دې…

