HadeethEnc · 1.4.0
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن تۇتۇلۇپ، زېمىندا ئۇنىڭغا ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، بېشى ئۈستىگە قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ (ئازابلار) دىنىدىن ياندۇرالمىغان كىشىلەر بولغان ئىدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ ئابدۇللاھ خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا شىكايەت قىلغىلى كەلسەك، ئۇ كەبىنىڭ سايىسىدا ئۆزىنىڭ چاپىنىنى ياستۇق قىلىپ يېتىپتىكەن، بىز: «دۇئا قىلىپ بىزگە نۇسرەت تەلەپ قىلغان بولسىلا» دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن تۇتۇلۇپ، زېمىندا ئۇلارغا ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، بېشى ئۈستىگە قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخنىدىن ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ (ئازابلار) دىنىدىن ياندۇرالمىغان كىشىلەر بولغان ئىدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ بۇ ئىشنى (ئىسلام دىنىنى) چوقۇم تولۇق پۈتتۈرىدۇ، ھەتتا سەنئادىن ھەزەرە مەۋتقا ماڭغان يولوچى ئاللاھتىن ۋە قويلىرىنى بۆرىلەرنىڭ يەپ كېتىشىدىن باشقا ھىچنىمىدىن قورقمايدۇ، لېكىن سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تونىنى بېشىغا قويۇپ يېتىپتىكەن، بىز بولساق مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرىغان ئىدۇق» دېيىلگەن
02
Explanation
بۇ ھەدىستە خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە قۇرەيش كاپىرلىرى تەرىپىدىن ئۇچرىغان ئەزىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ سايىسىدە تونىنى بېشىغا قويۇپ ياتقان ئىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە دىندا يەتكەن ئەزىيەتنىڭ بۇلارغا يەتكەن ئەزىيەتتىن زور ئىكەنلىكىنى، ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ زور ئەزىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن (دىننى) مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا سەنئادىن ھەزەرە مەۋتقا سەپەر قىلغان يولوچىنىڭ ئاللاھتىن ۋە قويلىرىنى بۆرە يەپ كېتىشىدىن باشقا ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئالدىرماسلىققا بۇيرۇپ: «سىلەر ئالدىراپ كىتىۋاتىسىلەر»، يەنى «سەۋىر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ بۇ ئىشنى تولۇق پۈتتۈرىدۇ»، دېدى، ئاقىۋەتتە ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلغاندەك بولدى
Attribution
[بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

