مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىىنلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىگە ئون رەھمەت يازىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەن ئۈچۈن بىر ۋاستىنى سوراڭلار، ئۇ جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەن بولۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. كىمكى مەن ئۈچۈن ئۇ ئورۇننى سورىسا، ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم ھالال بولىدۇ».
Explanation
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئۆزى ئۈچۈن ئۈستۈنلۈككە يېتىدىغان ۋاستىنى سوراشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتىكى ئەڭ ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇ ئالى ئورۇنغا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ ۋە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەمتەرلىك قىلىپ شۇ ئورۇنغا ئېرىشىدىغان كىشىنىڭ مەن بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلىمەن دېگەن. بۇ ئالى مەرتىۋە پەقەت بىر كىشى ئۈچۈنلا بولىدىكەن، ئۇ بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقىسى ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۈچۈن ئالى مەرتىۋىنى تىلەپ دۇئا قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
Benefits
مۇئەززىنگە ئەگىشىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋىنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
بۇ ئالى مەرتىۋە بەك ئۇلۇغ ۋە كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىر كىشىلا لايىق بولىدۇ.
ئاشۇ ئالى مەرتىۋېگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خاس قىلىنغانلىقىنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئالى مەرتىۋە سورىغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە لايىق بولىدۇ.
ئۇ ئالى مەرتىۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا لايىق بولاپ تۇرۇغلۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىك قىلىپ ئۈممىتىدىن ئۇ مەرتىۋېنى تىلەپ ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، رەھمىتىنىڭ ئىنتايىن كەڭرى ئىكەنلىكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

