مۇئەززىن: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئەززىن: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېگەندە، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېگەندە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن نامازغا كېلىڭلار دېگەندە، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن نىجاتلىققا كىلىڭلار دېگەندە، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېگەندە، چىن دىلىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېسە، جەننەتكە كىرىدۇ».
Explanation
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزاننى ئاڭلىغاندا نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەزاننى ئاڭلىغۇچى مۇئەززىن دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى دېيىشتۇر. مۇئەززىن ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، ئاڭلىغڭچىمۇ: ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، شۇنىڭدەك، مۇئەززىن نامازغا كېلىڭلار، نىجاتلىققا كىلىڭلار دېگەندە، ئەزاننى ئاڭلىغۇچى: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزان كەلىمىلىرىنى چىن دىلىدىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇئەززىن بىلەن بىرگە تەكرار دېگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئەزان كەلىمىلىرىنىڭ مەنىسى: " ئاللاھۇ ئەكبەر" يەنى ئاللاھ تائالا ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ھەممە نەرسىدىن كاتتىدۇر، ئۇلۇغ ۋە بۈيۈكتۇر.
ئاللاھدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، يەنى: مەن دىلىم بىلەن ۋە تىلىم بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى تىلىم ۋە دىلىم بىلەن ئىقرار قىلىمەن دېمەكتۇر.
مۇئەززىن نامازغا كېلىڭلار دېگەندە بۇنى ئاڭلىغۇچى: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ يەنى: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى توسۇدىغان چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ۋە ئۇنى قىلىشقا بولغان ئىرادە، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا بولغان كۈچ پەقەت ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بولىدۇ.
"نىجاتلىققا كېلىڭلار" يەنى نىجاتلىقنىڭ سەۋەبىگە كېلىڭلار، ئۇ بولسىمۇ جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىش، دوزاختىن قۇتۇلۇشدۇر.
Benefits
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

