HadeethEnc · 1.4.0
ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دەڭلار
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ سەئىيد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دەڭلار».
02
Explanation
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقىتتا مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىشقا ۋە مۇئەززىننىڭ دىگىنىگە ئوخشاش سۆزنى جۈملىمۇ-جۈملە دېيىشكە رىغبەتلەندۈردى. مۇئەززىن تەكبىر ئېيتقاندا ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىمىز، ئىككى شاھادەت كەلمىسىنى كەلتۈرگەندە ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرىمىز. (حي على الصلاة، حي على الفلاح) دېگەن بۇ ئىككى سۆزدە مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دېمەستىن، ئۇنىڭدىن كېيىن: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىلىدۇ.
03
Benefits
مۇئەززىنلەر كۆپ بولسا يەنى ئەتراپتىكى مەسچىتلەردىن ئارقىمۇ-ئارقا ئەزان ئاڭلانغان بولسا، ھەدىس ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم ئەزان ئوقۇغان مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئەزان ئوقۇغان مۇئەززىنگە ئەگىشىلىدۇ.
ھاجەتخانىدا بولمىغاندا ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلىۋاتمىغان ۋاقىتتىن باشقا ھەر قانداق ھالەتتە مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ھاجەتخانىدا بولمىغاندا ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلىۋاتمىغان ۋاقىتتىن باشقا ھەر قانداق ھالەتتە مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
Attribution
[بىرلىككە كەلگەن]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

