بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن
Explanation
بىرىنچىسى: كەمبەغەللەرگە كۆپ يېمەكلىك بېرىش، سەدىقە، ھەدىيە، زىياپەت ۋە توي قاتارلىقلارمۇ يېمەك بېرىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بولۇپمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ۋاقىتلاردا يېمەك بېرىش ياخشىدۇر.
ئىككىنچىسى: تونىغان ياكى تونىمىغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا سالام بېرىش.
Benefits
سالام قىلىش ۋە يېمەك بېرىش بولسا ئىسلامدىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
بۇ ئىككى خىسلەت بىلەن ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ياخشىلىق جۇغلىشىدۇ، بۇ مۇكەممەل ياخشىلىقتۇر.
بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن قىلىشىدىغان مۇئامىلىلىرىگە شۇنداقلا بەندىنىڭ رەببى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە ئالاقىدار بولغان خىسلەتتۇر.
ئۆزئارا سالام قىلىش ۋە سالامنى بۇرۇن قىلىش دېگەن مۇسۇلمانلارغا خاس بىر ئىش بولۇپ، كاپىرغا دەسلەپتە سالام قىلىنمايدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

