بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر».
Explanation
ئاداۋەتكە چۈشۈپ قالغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاداۋەتنى يوق قىلىپ، كۆڭلىنى كەڭرى تۇتۇپ دەسلەپتە سالامنى باشلىغىنىدۇر. ئەمما شەخسى ئۆچ-ئاداۋەت بولماستىن، ئاللاھ بارىسىدا بىدئەتچى، ئاسىي، مۇناپىقلارنى ۋە يامان ھەمراھلارنى تەرك قىلىشنىڭ بولسا ئېنىق بەلگىلىمىسى يوق، بۇ تۈردىكى تەرك قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپەئەتكە قارىتا بولۇپ، خاتالىق تۈزەلسە چەكلىمە يوق بولىدۇ.
Benefits
سالام قىلىشنىڭ پەزىلىتى، چۈنكى سالام ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئاداۋەتنى يوق قىلىدۇ، شۇنداقلا سالام ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت ۋە يېقىنلىقنىڭ كۈچىيىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

