ناماز ئادا قىلماقچى بولساڭلار، سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىڭلار ئىمام بولسۇن، ئۇ تەكبىر ئېيتقاندا، تەكبىر ئېيتىڭلار
ھەتتان بىن رەققاشى مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر قېتىم ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا جامائەت ئارىسىدىن بىر كىشى: "ناماز ياخشىلىق ۋە زاكات بىلەن بىرگە كەلدى" دېدى، ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەت…

