ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.
Explanation
Benefits
نامازدا شەيتان ۋەسۋەسە قىلغاندا، سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋېتىش بىلەن بىرگە شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ساھابىلار ئارىسىدا ھەر قانداق قىيىنچىلىق پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىندۇ.
ساھابىلار ئاخىرەت ئىشلىرىغا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ دىلى ئويغاق ئىدى
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

