Prophetic Hadeeth Encyclopedia
Search and read verified Prophetic hadeeth translations, explanations, benefits, categories and source attribution. Page 3.
Search the Hadeeth Encyclopedia
Smart instant results tolerate minor spelling mistakes, with every filter in one place.
جىھاد
ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بىر قېتىم ساغقۇچىلىك مىقداردا ئۇرۇش قىلغان مۇسۇلمان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ، كىم ئاللاھنىڭ يولىدا جاراھەتلەنسە ياكى يارىلانسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاراھىتى ياكى يارىسىدىن قان ئاققان رەڭگى زەپەر رەڭگىدە، پۇرىقى ئىپاردەك خۇشبۇي ھالىتىدە كىلىدۇ
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بىر قېتىم ساغقۇچىلىك مىقداردا ئۇرۇش قىلغان مۇسۇلمان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ، كىم ئاللاھنىڭ يولىدا جاراھەتلەنسە ياكى يارىلانسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاراھىتى…
ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈلەمدۇ؟
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە خۇتبە ئوقۇپ ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھاد بىلەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر ئىچىدىكى پەزىلىتى ئەڭ يۇقىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىۋىدى، بىر…
مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئالغاندا بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، «مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئېلىۋەتكەندە بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:…
ئى ئەنسارلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟ مەن سىلەرنى مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ھۇنەين غازىتى كۈنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا رەسۇللاھقا ئولجىلارنى ئاتا قىلىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن ئىسلامغا مايىل قىلماقچى بولغان كىشىلەرگىم…
ئۇ دوزاختا (دېدى)، ئۇلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈك-تاقىسىغا قارايدىغان كىركىرە ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى قازا قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ دوزاختا، دېدى. باشقىلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تو…
ئۇرۇش تاكتىكىدۇر
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئۇرۇش تاكتىكىدۇر»
مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر
بۇ بىر تۆگەڭنىڭ ئورنىغا ساڭا قىيامەت كۈنى نۇختىلانغان 700 تۆگە بېرىلىدۇ
ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا نوختىلانغان بىر تۆگىنى ئىلىپ كېلىپ، بۇنى ئاللاھ يولىغا ئاتىدىم، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بىر تۆگەڭنىڭ ئورنىغا ساڭا قىيامەت كۈنى نۇختىلانغان 700 تۆگە بې…
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى ئەترەتكە ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچرىساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى (ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا) ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى ماۋۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»
بۇرەيدە ئەلئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى گۇرۇپقا ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئ…
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟…
ئۇرۇشتىن قايتقانغىمۇ ئۇرۇش قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئۇرۇشتىن قايتقانغىمۇ ئۇرۇش قىلغاننى…

