زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل، لېكىن بىر كىشى ئۆزىنىڭ جېنى بىلەن ۋە مېلى بىلەن ئاللاھ يولىدا چىقىپ قايتمىغان بولسا بۇنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدۇ ئەلۋەتتە،» دېدى.
Explanation
ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: بۇ ئون كۈندىن باشقا ۋاقىتتا ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئەۋزەلمۇ ياكى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر ساۋابى ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سورىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەممە ئەمەللەردىن ئەۋزەل دېگەن ئۇقۇم ئورۇنلاشقان ئېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بۇ ئون كۈننىڭ غەيرىدە قىلىنغان جىھادتىنمۇ ئەۋزەل بولىدىغانلىقى، لېكىن بىر كىشى ئاللاھ يولىدا مېلى بىلەن ئۆزىنى خەتەرگە تەييارلاپ جىھادقا چېقىپ، مېلىنى چېقىم قىلىپ ئۆزى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مۇشۇنداق قىلسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن كاتتا بولىدۇ.
Benefits
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

