ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى غەنىمەت ياكى ساۋاب بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئاللاھ ئۆز يولىدا چىققان كىشىگە قارىتا: «ماڭا ئىشىنىپ ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى تەسدىقلاپ، مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ئىرىشكەن ساۋابى ۋە غەنىمەت بىلەن ئۆيىگە سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتىدە: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىنىڭ مىسالى - ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر - كېچىسى بىدار تۇرۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ، مۇجاھىد ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ساۋاپ بىلەن ياكى غەنىمەت بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

