ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاچىسى بار بولۇپ، ئۇنى تۆت ئەر كۆتىرەتتى. بىر كۈنى كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندا ئۇ قاچا نان چىلانغان شورپا بىلەن كەلتۈرۈلدى.…

