كىمكى مەن تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىگە باشقا ئىشلارنى كەلتۈرمەي ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ
ئوسمان ئىبنى ئەپپاننىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن خىزمەتچىسى ھۇمراندىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى ئوسمان ئىبنى ئەپپاننىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقان ھالىتىنى كۆردى. تاھارەت ئالىدىغان سۇنى كەلتۈردى، قاچىدىن قولىغا سۇنى قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولىنى سۇ بار قاچى…

