شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە رۇخسەت قىلدى، سىلەرگە رۇخسەت قىلمىدى. ماڭا پەقەت كۈندۈزى ئازراق مۇددەت رۇخسەت قىلىندى، بۈگۈن ئۇنىڭ ھاراملىقى تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا قايتىپ كەلدى، شۇئان ھازىر بولغانلار غائىپ بولغانلارغا يەتكۈزۈپ قويسۇن
ئەبى شۇرەيھ خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرىلخۇزائى ئەلئەدەۋى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاسقا مۇنداق دەيدۇ: (ئۇ مەككىگە قوشۇن يوللاشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىتتا) ئى ئەمىر ماڭا بىر ھەدىس سۆزلەشكە رۇخسەت بەرسىلە، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغان كۈنى ئ…

