يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يىزىۋالاتتىم، قۇرەيشلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ : سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەندە ۋە كۆڭلى خوش بولغاندا سۆزلەيدىغان تۇرسا؟دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختاپ قالدىم، بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.
Explanation
ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن خۇرسەنلىك بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن ھەرقانداق ھالەتتە پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا یَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰۤ * إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» [سۈرە نەجىم 3-4-ئايەتلەر].
Benefits
ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئېسىدە تۇتۇش ۋە يەتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
قەسەم قىلىنمايدىغان ئىشتىمۇ، بىر ئىشنى تەكىتلىگەنگە ئوخشاش، مەنپەئەت بولىدىغان ۋاقىتتا قەسەم قىلسا توغرا بولىدۇ.
ئىلىمنى يېزىش بولسا ئىلىمنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرىدۇر.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

