مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ».
Explanation
Benefits
كىمىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. (چوقۇم ئالدى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېشىنىشى كېرەك).
كىمىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئاڭلىمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دەۋېتى يەتمىگەن بولسا، ئۇ ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا قاراشلىق بولىدۇ.
جان ھەلقۇمغا يەتمىگەن، ئۆلۈم يېقىنلاشقان، ھەتتا بەك ئېغىر كېسەللىكتە بولسىمۇ ئىسلام بىلەن مەنپەئەتلىنىش ئەمەلىيلىشىدۇ.
كاپىرلارنىڭ دىنى كۇپۇردۇر، يەھۇدى، ناسارالارمۇ ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ھەدىستە يەھۇدى ۋە ناسارالارنى زىكىر قىلىش بولسا، ئۇلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، چۈنكى ئۇلار كىتاب بېرىلگەن كىشىلەردۇر، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كىتاب بېرىلمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئەلۋەتتە بۇلاردىن بەتتەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ دىنىغا كېرىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

