ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتىدۇ» دېدى.
Explanation
ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئىتائەت قىلىدىكەن جەننەتكە كىردى، كىمكى ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىغا بويسۇنمايدىكەن، ناچار ئەمەللىرى بىلەن جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتتى دېدى».
Benefits
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش جەننەتنى ۋاجىپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلىش دوزاخنى ۋاجىپ قىلىدۇ.
مۇشۇ ئۈممەتتىن ھەقگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىدىن بىشارەتتۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە بەك كۆيۈنەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىسمەن ئىدى.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

