HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى مەنپەئەت نىكاھىدىن (مۇتئە) ۋە ئېشەك گۆشى يېيىشتىن چەكلىدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى مەنپەئەت نىكاھىدن ۋە ئېشەك گۆشى يېيىشتىن چەكلىدى
02
Explanation
ئىسلام شەرىئىتى نىكاھدىن ئەر-ئايالنىڭ ئىزچىل بىرگە بولۇپ، مۇھەببەت بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە خىلاپ بولغان بەزى شەكلى ئۆزگەرگەن نىكاھلارنى ھارام قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنىدە مەنپەئەت نىكاھىنى (ئۇ ئەر كىشى ئايال بىلەن مەلۇم ۋاقىتقىچە نىكاھلىنىش) ھارام قىلغان، ئۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدە زۆرۈر بولغانلىقتىن يولغا قويۇلغان. يەنە رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىگىلىرى تەرىپىدىن مۈلۈك ھىسابىدا ئائىلىلەردە بىقىلىدىغان ئېشەك گۆشىنى يېيىشنى ھارام قىلغان، ياۋا ئىشەك بۇنىڭ سىرتىدا
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

