HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، شەرتلىك نىكاھتىن (شىغاردىن) چەكلىدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، شەرتلىك نىكاھتىن (شىغاردىن) چەكلىدى
02
Explanation
نىكاھلىنىشتىكى ئاساسى قائىدە: ئايال كىشى ئۆزىنى ئەرگە تاپشۇرۇش بەدىلى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مېھرى ھەققى بېرىلمەي تۇرۇپ نىكاھ تاماملانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت نىكاھىدىن چەكلىدى، بۇ نىكاھتا ئايالغا ئىگە بولغانلار ئۇلارغا زۇلۇم قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار مەلۇم مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزى ۋەلى بولىدىغان ئاياللارنى مېھرى ھەققىسىز، ئۆزلىرىنىڭ شەھۋەت ئارزۇلىرىغا كۆرە، باشقا ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاياللارنى مېھرى ھەققى ئالماستىن ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنى نىكاھلاپ بېرەتتى. مانا بۇ زۇلۇم، ئاللاھ تائالا بۇيرۇمىغان تەرىقىدە ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىرىنى دەپسەندە قىلىشتۇر. بۇ دىندا چەكلەنگەن ۋە باتىل ئىشدۇر
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

