ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، نىشانى ئېنىق بولمىغان بايراق ئاستىدا، تەرەپبازلىق ئۈچۈن قوزغىلىپ، تەرەپبازلىققا چاقىرىپ، تەرەپدارلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. مېنىڭ ئۈممىتىمگە قارشى قورال كۆتۈرۈپ چىقىپ، ياخشى-يامان ھەممىنى ئۆلتۈرگەن، ئۈممەتنىڭ مۇئمىنلىرىنى ھېچ ئەيمەنمەستىن ئۆلتۈرگەن، ئارىدا كېلىشىم بولغان كىشىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلماي كېلىشىمنى بۇزۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس. مەنمۇ ئۇكىشىگە شاپائەت قىلغۇچى ئەمەسمەن».
Explanation
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: باتىلدىن ھەقنىڭ كۆرۈنىشى ئېنىق بولمىغان، ئۇقۇمسىز بايراققا ئەگىشىپ دىن ئۈچۈن ياكى ھەقىقەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلماستىن ئۆزىنىڭ مىللىتى، يۇرتى، قەبىلىسى ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلىپ، شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەنگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. (يەنى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشنى دىنى ئەقىدىگە باغلاپ چۈشۈنۈشنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋالالايمىز).
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارشى قورال كۆتۈرۈپ چېقىپ، ئۈممەتنىڭ ياخشىلىرى ۋە پاسىقلىرى دەپ ئايرىماستىن ھېچ پەرۋا قىلماستىن مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئازابىنىڭ دەھشەتلىكىدىن قورۇقماستىن، كاپىرلاردىن كېلىشىم تۈزگەنلەرنى ۋەدىگە ۋاپا قىلماستىن ياكى ئەمىرلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماستىن ئەھدىنى بۇزۇپ ھەممىنى ئۆلتۈرگەن كىشى (ئۇنىڭ قىلمىشى چوڭ گۇناھدۇر) قاتتىق ئازابقا لايىق بولىدۇ.
Benefits
بۇ ھەدىستە ئىمامغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلغان كىشى ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بار، ئەگەر ئۇ كىشى مۇشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ.
ھەدىس تەرەپبازلىق قىلىپ ئۇرۇش قىلىشتىن چەكلەيدۇ.
ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئەمىرگە ئىتائەت قىلىش، جامائەتنى لازىم تۇتۇشتا كۆپ ياخشىلىق بار، تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئەھۋاللارنىڭ ياخشى بولىشى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ھەدىس جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلەيدۇ.
مۇسۇلمانلار جامائىتىنى لازىم تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

