يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ» ساھابىلار: ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق، ئۇلار نامازنى ئادا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلمايسىلەر»دېدى.
Explanation
ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مۇشۇ سۈپەتتىكى ئەمىر ۋە رەھبەرلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: «ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نامازنى بەرپا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلماڭلار»دېدى.
Benefits
شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلارغا رازى بولۇش ۋە ئۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىپ بىرگە قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئىنكار قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئەمىرلەر شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەرگە قارشى چىقىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىق، بۇزۇقچىلىق، خاتىرجەمسىزلىك، ناھەق قان تۆكۈلۈش قاتارلىق ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ، شەرىئەتكە زىت ئىشنى پەيدا قىلغان ئەمىر-رەھبەر ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبرى قىلىش بولسا بۇزۇقچىلىق ۋە باشقا تەرەپلەردە ئۇلارغا قارشى چىققاندىن ياخشىراقتۇر.
نامازنىڭ ئىشى كاتتا ۋە ئۇلۇغ، ئۇ ئىسلام بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پەرقتۇر.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

