ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
Explanation
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ»تەرجىمىسى:«پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
Benefits
ئاللاھ تائالا زالىملارغا مۆھلەت بېرىشى، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىماسلىقى، ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەسسىلەپ ئازابلايدۇ.
زۇلۇم ئاللاھ تائالانىڭ ئۈممەتلەرنى جازالاشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
ئاللاھ تائالا بىر يۇرت ئەھلىنى ھالاك قىلسا، ھالاك قىلىنغان يۇرتتا سالىھ كىشىلەرمۇ بولىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزى ۋاپات بولغان ھالەتتىكى ياخشىلىق ئۈستىدە تىرگۈزىلىدۇ، ئۇلارغا ھەممىگە ئومۇم بولغان ئازاب زەرەر يەتكۈزمەيدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

