بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنىڭ بىر تال ھۆل شېخىنى ئىلىپ ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن سانچىپ قويدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىلا؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ ئىككى شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەمدىكىن دېگەن ئۈمىتتە شۇنداق قىلدىم» دېدى.
Explanation
Benefits
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالامىتىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن قەبرە ئازابىغا ئوخشاش بەزى غەيبى ئىشلارنى ئېچىپ بەردى.
خورمىنىڭ ھۆل شېخىنى ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ئىككى قەبىرگە سانجىپ قويۇش بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خاس بولغان بىر ئىشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بۇ ئىككى قەبرىدىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى، بۇنى باشقىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قىياس قىلىپ قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى قەبرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

