كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر قولۇمدا مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەرنىڭ سانىچە چارۋىلار بولغان بولسا، ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئاندىن مېنى بىخىل، يالغانچى ۋە قورقۇنچاق دېمەيتتىڭلار
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھۇنەين غازىتىدىن قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئەئرابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن غەنىيمەت مال تەلەپ قىلىپ ئېسىلىۋالدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر تۈپ كاۋچۇك دەرىخىگە قىستاپ، ئۇنىڭ كىيىمىنى ئېلىۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توختاپ: «كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر قولۇمدا مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەر سانىچە چارۋىلار بولغان بولسا، ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئاندىن مېنى بېخىل، يالغانچى، قورقۇنچاق دېمەيتتىڭلار» دېدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

