ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى».
Explanation
Benefits
ئۆلۈكلەرنى تىللاشنى تەرك قىلىش بولسا ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە رىئايە قىلىش، جەمئىيەتنى ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىش، يامان كۆرۈش، ئۆچ-ئاداۋەتتىن مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ۋاپات بولغانلارنى تىللاشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت بولسا: ھەقىقەتەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ بولدى، ئۇلارنى تىللىغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، پەقەت ھايات ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ خالاس.
ئىنسان پايدىسىز قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىنىشى لازىم.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

