HadeethEnc · 1.4.0
قەبرە ئاخىرەت مەنزىللىرىدىن تۈنجى مەنزىل، كىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا كىيىنكىلىرى ئۇنىڭدىن ئاسانراق، ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىسا كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئازادگەردىسى ھانىئ مۇنداق دېگەن: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ بۇنىڭدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: قەبرە بولسا ئاخىرەت مەنزىلىدىن تۈنجى مەنزىل، كىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا كىيىنكى ئىشلىرى ئۇنىڭدىن ئاسانراق، ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىسا كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس، دېگەن
02
Explanation
ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ قەبرىدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ ئۇلارغا: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: قەبرە ئاخىرەت مەنزىلىدىن تۈنجى مەنزىل، ئىنسان قەبرىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى سىناق، قاتتىقچىلىق ۋە ئازاپتىن قۇتۇلسا كىيىنكىلىرى ئۇنىڭدىن ئاسانراق، چۈنكى قەبرىدىكى ئازاب ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن ئۆتەلمەي، قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلالمىسا، گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلمەي، ئازابلىنىشقا لايىق بىرەر ئىش قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس، چۈنكى دوزاخ ئازابى ئەڭ قاتتىق،-دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن يىغلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان
Attribution
[ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

