بىلالنىڭ سايلىققا چىقىپ ئەزان ئوقۇپ، «حي على الصلاة حي على الفلاح» غا كەلگەندە بەدىنىنى ئايلاندۇرماي، بوينىنى ئوڭ-سول تەرەپكە بۇرىغانلىقىنى كۆردۈم
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بىلالنىڭ چۆگىلەپ تۇرۇپ، ئېغىزىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قارىتىپ ۋە ئىككى بارمىقىنى قۇلىقىغا سېلىپ ئەزان توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تېرىدىن تىكىلگەن بىر قىزىل چېدىرنىڭ ئىچىدە ئىدى، شۇ ئەسنادا بىلال سايلىققا چىقىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بىر تال نەيزىنى سانجىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈترە قىلىپ ناماز ئوقۇدى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدىن ئىت، ئېشەكلەر ئۆتىۋېرەتتى، رەسۇلۇللاھ قىزىل تون كېيگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ ئاقلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. يەنە بىر رىۋايەتتە: بىلال سايلىققا چىقىپ ئەزان ئوقۇدى، «حي على الصلاة حي على الفلاح» غا كەلگەندە بوينىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە بۇرايتتى، ئەمما ئايلانمايتتى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

