كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامازدىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ
ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كۈنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن: پالانچى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز: ياق، كەلمىدى، دېدۇق. ئۇ: پالانى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى، بىز: ياق، دېدۇق. شۇنىڭ بىل…

