بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، ئۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى كەلگەندە بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن
ئەييۇپ ئەبۇ قىلابىدىن، ئەبۇ قىلابە ئەمرۇ ئىبنى سەلەمەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئەييۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ قىلابە ماڭا: «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ھەدىس سوراپ باقمامسەن؟» دېدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭدىن ھەدىس سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كىشىلەر ئ…

