ئى ئەنسارلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟ مەن سىلەرنى مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ھۇنەين غازىتى كۈنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا رەسۇللاھقا ئولجىلارنى ئاتا قىلىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن ئىسلامغا مايىل قىلماقچى بولغان كىشىلەرگىم…

