ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا، ئۇ شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، ئومەر ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى. ھەسسان: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالدا شېئىر…

