بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر. يەنە مۇنداق دېدى دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەمەندىن ئاشلانغان تىرىگە يۆگەلگەن ئازغىنە ئالتۇن رودىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەردىن ئۇيەينە ئىبنى بەدى…

