HadeethEnc · 1.4.0
تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بىراق بەرىكىتىنى يوقۇتىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بىراق بەرىكىتىنى يوقۇتىدۇ»
02
Explanation
ھەدىسنىڭ مەنىسى: تىجارەتتە گەرچە راس بولسىمۇ، كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەمنى كۆپ قىلىش، يالغانغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ مەنبەسى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنى يۈز كويغا سېتىۋالغانتىم دېيىشى گەرچە راس بولسىمۇ، توغرا بولمايدۇ، ئەگەر سەكسەن كويغا سېتىۋالغان نەرسىنى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! يۈز كويغا سېتىۋالدىم دېسە، بۇنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاشۇ تۈپەيلى تىجارەتتە يالغان قەسەم قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن ۋە قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بەرىكىتىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان كەسىپ بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر
Attribution
[ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

