توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى توغرا چىقىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ».
Explanation
ساھابىلار: بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۆزى توغرا چىقىپ قالىدىكەنغۇ؟ خۇددى غەيبى ئىشتىن خەۋەر بېرىپ پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنىدە مۇنداق ئىش بولىدۇ، دېسە، ئۇ ئىش ئۇلارنىڭ سۆزىگە مۇۋاپىق كىلىپ يۈز بېرىدىكەنغۇ دېگەندە.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جىن ئاسماننىڭ خەۋىرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغاننى رەمبال-پالچىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ئىلىپ چۈشۈپ، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، رەمبال-پالچىلار جىن يەتكۈزگەن بۇ سۆزگە يۈز يالغاننى قېتىپ ئاڭلىتىدۇ دېدى».
Benefits
پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىش بىلەن ئاسمانلار شەيتانلارنىڭ ۋەھيىنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەرلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىندى، ئوت يۇلتۇزلىرى ئۇلارنى يىقىنلاشتۇرمىدى.
جىنلار ئۆزلىرىگە ئىنسانلاردىن سىرداش دوستلارنى تۇتىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

