دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان، باشلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدى خىلى يىراق ئارىلىقتىن تىپىلسىمۇ ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ.
Explanation
بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر: كالىنىڭ قۇيرىقىدەك ئۇزۇن ئارغامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىۋاتقان كىشىلەر، ئۇلار ساقچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى، ئۇلار زالىمغا ياردەم بېرىپ كىشىلەرنى ئورۇنسىز ئۇرىدۇ.
ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر: ئادەتتە ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدە بولىدىغان ھايا ۋە ئىپپەت كىيىمىدىن خالى بولغان ئاياللار.
ئۇلارنىڭ سۈپىتى: ئۇلار ھەقىقەتتە كىيىم كەيگەن بولسىمۇ ئەمما مەنادا يالىڭاچ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدىغان، بەدىنىنىڭ بەزىسىنى ئوراپ يەنە بەزى جايلىرىنى ئوچۇق قويىدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەرلەرنىڭ دىللىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن نىپىز كىيىملەرنى كېيىپ، نايناقلاپ، تولغىشىپ مېڭىپ، باشقىلارنى بۇزۇشقا، توغرا يولدىن بۇراشقا ۋە ئازغۇنلۇققا سۆرەپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلارنىڭ بېشى يوغانلىقىدىن تۆگىنىڭ ئىغاڭشىپ تۇرغان لوكىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار باشلىرىغا قوش ياقلىقلارنى ئوراش ياكى بەزى بىر نەرسىلەرنى قويۇپ بېشىنىڭ ھەجىمىنى ياكى چېچىنى چوڭ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشىتىش بولسا، ئۆرىگەن چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ چېچىنى ئۈستۈن قىلىۋالغانلىقى، ئۆرىگەن بەزى چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ بېرىپ خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسى ئىككى تەرەپكە مايىل بولغاندەك قىلىشىدۇر. ئاياللارنىڭ قايسىسىدا بۇ سۈپەتلەر تىپىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەسلىك-گەرچە جەننەتنىڭ پۇرىقى بەك يىراق مۇساپىدىن تىپىلىدىغان ۋە ھېدى كىلىدىغان بولسىمۇ- جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالماسلىق ۋە جەننەتكە يېقىنلىشالماسلىقتەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Benefits
زالىملارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھارام بولىدۇ.
ئاياللارنى يېرىم-يالىڭاچ كېيىنىشتىن، ئەۋرەتلىرى ۋە بەدەن شەكىللىرى ئېنىق نامايەندە بولىدىغان تار ۋە نىپىز كېيىم كىيىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.
مۇسۇلمان ئاياللارنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى لازىم تۇتۇش، دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرىغان كىشى ئاخىرەتتە دائىملىق ئازاپقا لايىق بولىدۇ.
بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىك ھەدىسلىرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرمىگەن، ئاخىر زاماندا يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

