HadeethEnc · 1.4.0
ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر
02
Explanation
ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۇلارنى كەمسىتىش، ئورنىنى چۈشۈرۈش، بەزى بىر ئارتۇقچۇلۇقى بىلەن ئۆزىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشنى مەقسەت قىلسا، بۇ پىكىرى بىلەن ئۆزى كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر. بۇ كاف ھەرىپىنى پىچ ئوقۇغان رىۋايەتكە ئاساسەن، ئەمما كاف ھەرىپىنى زەۋەر ئوقۇشقا ئاساسەن مەناسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئۇ كىشى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشى، ئاللاھقا تەۋبە ئارقىلىق قايتىشتىن توسۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەبچى بولغان، ئۇلار ھالاك بولغانغا قەدەر ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ياشاشقا تۈرۈتكە بولغان بولىدۇ، دېگەن مەنىدە
Attribution
[ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

