بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ كېچىدە يول يۈرۈپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختىدۇق، بۇنداق ۋاقىتتا مۇساپىر ئۈچۈن ئارام ئېلىشتىن بەكراق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك. بىز قۇياشنىڭ ئىسسىقىدا ئويغاندۇق، ئاۋۋالدا پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغاندى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ كېچىدە يول يۈرۈپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختىدۇق، بۇنداق ۋاقىتتا مۇساپىر ئۈچۈن ئارام ئېلىشتىن بەكراق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك. بىز قۇياشنىڭ ئىسسىقىدا ئويغاندۇق، ئاۋۋالدا پالانى ئاندىن پالانى ئاندىن پالانى ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغاندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلىغاندا ئۆزى ئويغانغانغا قەدەر ئۇنى ھېچ كىشى ئويغاتمايتتى، بىز ئۇنىڭغا چۈشىدە نېمە ئىشلارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغۇنۇپ كىشىلەرگە يەتكەن ئەھۋالنى كۆردى، ئۇ بەك كەسكىن ئادەم ئېدى، ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتتى، ھەتتا ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئويغانغانغا قەدەر ئاۋازىنى ئۈنلۈك قىلىپ تەكبىر ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئويغانغان ۋاقىتتا كىشىلەر يۈز بەرگەن ئىشتىن شىكايەت قىلىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھېچ گەپ يوق، يۆتكىلىڭلار» دېدى ۋە ئورنىدىن قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭماستىن بىر جايغا چۈشتى، تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۈ كەلتۈرۈلدى، تاھارەت ئالدى، نامازغا چاقىرىلدى، كىشىلەر بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماي بىر چەتتە تۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ: «ئى پالانى نېمە ئۈچۈن جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇمايسىز؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، سۇ يوق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاكىز توپا بىلەن تەيەممۇم قىلغىن، ئۇ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا چىقتى، كىشىلەر ئۇسسۇزلۇقتىن شىكايەت قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ تۆگىسىدىن چۈشۈپ ساھابىلاردىن بىرىنى ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ: «سۇ تېپىپ كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار سۇ ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا، تۆگىسىگە ئىككى تۇلۇم سۇ ئارتىپ كېتىۋاتقان بىر ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇلار ئۇ ئايالدىن: سۇنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئايال: بۇ سۇنى تۈنۈگۈن مۇشۇ ۋاقىتتا سۇ بار يەردىن ئالغان، بۇ سۇنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلار بار دېدى، ئىككەيلەن ئۇ ئايالغا: ئۇنداق بولسا بىز بىلەن ماڭ دېدى، ئۇ ئايال: نەگە؟ دېدى، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دېدى، ئۇ ئايال: كىشىلەرنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتتى دېگەن ئادەممۇ؟دېدى، ئىككەيلەن: سەن دېگەن كىشى شۇ، ماڭغىن دېدى، ئىككەيلەن ئۇ ئايالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان دىئالوگنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «تۇلۇمنى تۆگىدىن چۈشۈرۈڭلار» دېدى ۋە قاچا تەلەپ قىلدى، تۇلۇمنىڭ ئېغىزىدىن قاچىغا سۇ قۇيدى، ئاندىن تۇلۇمنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ كىشىلەرنى سۇ ئىچىڭلار، ئۇلاغلىرىڭلارنى سۇغۇرىۋىلىڭلار دەپ چاقىردى، خالىغان كىشىلەر سۇ ئىچتى، خالىغان كىشىلەر ئۇلاغلىرىنى سۇغاردى، ئاخىرىدا ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىگە قاچىدىكى سۇنى بېرىپ: «بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلگىن» دېدى. ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن ئالغان سۇ بىلەن قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ تۇراتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاچىدىن قولىنى ئالغاندا بىزگە قاچىدىكى سۇ دەسلەپتە تۇلۇمدىن قۇيغاندىنمۇ كۆپرەك بىلىندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايالغا بىرنەرسە توپلاپ بېرىڭلار دېدى، ساھابىلار يانلىرىدا بار بولغان خورما، ئۇن ۋە تالقان قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن توپلاپ بىر پارچە رەختكە ئوراپ ئۇ ئايالنىڭ تۆگىسىگە ئارتىپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىز سىزنىڭ سۇيىڭىزدىن ھېچ نەرسىنى كىمەيتمىدۇق، لېكىن بىزنى ئاللاھ سۇغاردى دېدى. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ مەھەللىسىگە كېچىكىپ كەلدى، ئائىلىسىدىكىلەر: ئى پالانى! نېمە ئۈچۈن كېچىكىپ قالدىڭىز؟ دېگەن ئىدى، ئۇ ئايال: قىززىق ئىش! يولدا ماڭا ئىككى ئادەم ئۇچرىدى، ئۇلار مىنى كىشىلەرنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتتى دېگەن ھىلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى، ئۇ ئادەم مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدى دېدى،ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىدا ئاسمانغا ئىشارە قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ماھىر سېھرىگەر، ياكى ئۇ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەن دېدى، كىيىن مۇسۇلمانلار ئاشۇ ئايالنىڭ مەھەللىسى ئەتراپىدىكى مۇشرىكلارغا ھۇجۇم قىلاتتى، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ مەھەللىسىدىكى ھىچ بىر ئۆيگە چىقىلمىدى، ئۇ ئايال بىر كۈنى ئۆز مەھەللىسىدىكىلەرگە: ھەقىقەتەن ئاۋۇلار سىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىدۇ، سىلەر مۇسۇلمان بولمامسىلەر؟ دېدى، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىپ، ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

