HadeethEnc · 1.4.0
ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرى بىر داستىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىلىپ شۇ سۇدىن تەرەت ئالماقچى ياكى يۇيۇنماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، مەن بۇ سۇدىن ئىلىپ جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەن
02
Explanation
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھارەت ئېلىش ئۈچۈن ياكى يۇيۇنۇش ئۈچۈن كىلىپ، ئايالى يۇيۇنۇپ ئاشقان سۇنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئايالى ئۆزىنىڭ بۇ سۇدا جۇنابەتتىن يۇيۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئۇ سۇنىڭ پاكىز ۋە پاكىزلەش خۇسۇسىيىتى جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى
Attribution
[ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

