رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ».
Explanation
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زېمىندىكى ئىنسان، ھايۋان، ئۇچارقۇش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق جانلىقلارغا رەھىمدىل بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا مۇكاپاتلاپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ.
Benefits
ئاللاھ تائالا مەرھەمەت بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر، ئاللاھ تائالا مېھرىباندۇر، رەھىم-شەپىقەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە رەھمىتىنى يەتكۈزگۈچىدۇر.
جازا-مۇكاپات ھەر ئىشنىڭ ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ، رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

