HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى» دېدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
سەئىد بىن ھىشام بىن ئامىر ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا كىرگەندە مۇنداق دېدى: ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! ماڭا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولسىلا؟ دېگەن ئېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سەن قۇرئان ئوقۇمامسەن؟ دېدى، ئۇ كىشى: ئەلۋەتتە ئوقۇيمەن دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى» دېدى.
02
Explanation
مۇمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، ئۇ كىشىگە ئەتراپلىق بىر سۆز بىلەن جاۋاپ بەردى، سوئال سورىغۇچىنى مۇكەممەل سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلىغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان، قۇرئان كەرىم بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلاتتى، قۇرئان كەرىم چەكلىگەن نەرسىلەردىن يىراق بولاتتى، ئەخلاقى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە توختاش، ئەدەپلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش، كەلتۈرگەن مىسال ۋە قىسسىلەردىن ئىبرەت ئىلىش ئېدى.
03
Benefits
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغانلىقىغا ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيەلەش، چۈنكى ئۇ ۋەھىينىڭ نۇرلىرىدىندۇر .
قۇرئان كەرىم بارلىق ئېسىل ئەخلاقنىڭ مەنبەسىدۇر.
ئەخلاق چۈشەنجىسى ئىسلامدا بۇيرىغاننى ئادا قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يېنىشتىن ئىبارەت دىننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيەلەش، چۈنكى ئۇ ۋەھىينىڭ نۇرلىرىدىندۇر .
قۇرئان كەرىم بارلىق ئېسىل ئەخلاقنىڭ مەنبەسىدۇر.
ئەخلاق چۈشەنجىسى ئىسلامدا بۇيرىغاننى ئادا قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يېنىشتىن ئىبارەت دىننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
Attribution
[ئۇزۇن ھەدىسنىڭ جۈملىسىنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

