ئوۋ ئىتىڭنى “بىسمىللاھ” دەپ قويۇۋەتكەن بولساڭ، ئىتىڭ ئوۋلىغان ھايۋاننى يىگىن، دېدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئۇدەي ئىبنى ھاتەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئوۋچىلىققا ئۈگۈتىلگەن ئىتىمنى “بىسمىللاھ” دەپ قويۇپ بېرىمەن، ماڭا ئوۋ تۇتۇپ كىلىدۇ، مەن «بىسمىللاھ» دەيمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئىتىڭنى “بىسمىللاھ” دەپ قويۇۋەتكەن بولساڭ، ئىتىڭ ئوۋلىغان ھايۋاننى يېگىن، دېدى. ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسىچۇ، دېسەم، ئۇ يەردە باشقا ئىت بولمىسا سېنىڭ ئىتىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، يىگىن، دېدى. مەن يەنە رەسۇلۇللاھتىن ئۇچى ئۇچلۇق، ئوتتۇرى توم كالتەك بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھۆكمىنى سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالم: ئەگەر ئوۋغا ئاتقان كالتىكىڭنىڭ ئۇچى تېگىپ قان ئاققان بولسا، ئۇنى يېسەڭ بولىدۇ. ئەگەر ئۇچى تەگمەي، توغرىسى تېگىپ ئۆلۈپ قالغان بولسا يېمىگىن، دېدى. شەئبى ئۇدەي ئىبنى ھاتەمدىن بايان قىلغان ھەدىستە: ئىت يىگەن بولسا يىمىگىن، دېدى. چۈنكى ئۇنى ئۆزىگە تۇتقان بولىدۇ، يەنە سېنىڭ ئىتىڭ بىلەن باشقا ئىتلار بىللە ئوۋلىغان بولسا يىمىگىن، چۈنكى سەن ئۆز ئىتىڭنى “بىسمىللاھ” دەپ قويۇپ بەرگەن، باشقا ئىتقا ئۇنداق قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئۇ ھەدىستە يەنە مۇنداق كەلگەن: ئىتىڭنى قويىۋەتكەندە «بىسمىللاھ» دېگىن، ساڭا ئوۋ تۇتۇپ بەرگەندە تىرىك بولسا بوغۇزلاپ يىگىن. ئەگەر ئوۋ ئۆلگەن، ئىتىڭ ئۇنىڭدىن يىمىگەن بولسا ئۇنى بوغۇزلىماي يەۋەرگىن، چۈنكى ئىتنىڭ تۇتقىنى بوغۇزلىغاننىڭ ئورنىدا. يەنە ئۇ ھەدىستە: يا ئوقىنى «بىسمىللاھ» دەپ ئاتقان بولساڭ، ئۇنى بىر ياكى ئىككى كۈندە تاپساڭ، يەنە بىر ئىبارىدە ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى كۈنى تاپساڭ، سېنىڭ يا ئوقۇڭنىڭ بەلگىسى بولسا، ئۇنى خالىساڭ يىگىن، ئەمما سۇدا ئېقىپ كەتكەن بولسا ئۇنى يىمىگىن، چۈنكى ئۇنى يا ئوقۇڭ ئۆلتۈردىمۇ ياكى سۇدا غەرىق بولۇپ ئۆلدىمۇ سەن بىلمەيسەن، دېدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

